خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جون كوتېسنىڭ «خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنىڭ سىرتىدا» دېگەن سۆزى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جون كوتېسنىڭ 13-ئ‍ۆكتەبىر كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزى، تۋېتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا غۇلغۇلا قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. جون كوتېس خىتاينىڭ كېلەر يىلى 2-ئايدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش ئالدىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلىشنى رەت قىلغانىدى. «ئەل-جەزىرە» قانىلىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جون كوتېس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى كېچىكتۈرۈش ياكى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش چاقىرىقىنى رەت قىلغان.

ئۇ، خىتاي «كىشىلىك ھوقۇق كاتېگورىيەسىنىڭ ئىچىدە ئەمەس» دېگەن بېشارەتنى بەرگەن. شۇ كۈنى ئاۋسترالىيە كىشىلىق ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئېلىيېن پېيرسون تۋېتتىردا جون كوتېسنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «جون كوتېس نېمە ئۈچۈن ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بىر ھۆكۈمەتنى تەنتەربىيە ئارقىلىق يۇماقچى بولىدۇ» دەپ سوئال قويغان. ئ‍ۇنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇق ئىستىراتېگىيەسى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق قىشلىق ئولىمپىكقا خىتاي ساھىبخانىلىق قىلغاچقا ئۇنى تەدبىقلىمايدىغاندەك كۆرۈنمەكتىكەن.

شۇ كۈنى يەنە ئەنگلىيە نيۇكەسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇرشۇناس جوئان سىمىس فېنلېيمۇ تۋېتتېردا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «خىتاينىڭ ھەرقانداق خەلقئارا قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەرگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىشىغا قارىماي، شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۆزىنى خەلقئارالىق دۇرۇس ئورگان، دەپ سۈرەتلىشىنى چۈشەنمەك قىيىن» دەپ كۆرسەتكەن. جون كوتېس 13-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيەدىكى بىر قېتىملىق پائالىيەتتە، «بىز دۇنيا ھۆكۈمىتى ئەمەس. بىز مۇسابىقىگە ساھىبىانلىق قىلىدىغان دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆكۈمەت قىلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى.