ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى ئولىمپىككە قارشى نامايىشقا قاتناشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-01-27
Share

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس 27-يانۋار پەيشەنبە كۈنى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» گە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئۇ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا قىلغان سۆزىدە: «بىز بۈگۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتايدىكى ئاۋازسىزلار ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمىز. بىز خىتايدىكى ئېزىلگەن خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز،» دېگەن.

كىرىستوفېر سىمىس سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغانلارنى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يەر يۈزىدىكى باستۇرۇش ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى» دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇ نۇتۇقىدا خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلۇقلار ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، يەنە مۇنداق دېگەن:

«كېلەر ھەپتە بىز ئولىمپىك روھىنىڭ داغلانغان، ئەخلەتكە ئايلانغان ۋە يىرتىلغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇلار ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق خەلقلىرىنى لاگېرلارغا سولايدىغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان شى جىنپىڭنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسىدۇر. بىز چوقۇم ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسىدىن بىۋاسىتە پايدا ئالىدىغانلارنى ئەيىبلىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم كوكوكولا شىركىتىگە ئوخشاش بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللىغۇچىلارنى ئەيىبلىشىمىز، ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسىنى تارقىتىدىغان NBC ۋە زالىم بىلەن بىر سەپتە تۇرغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلىشىمىز كېرەك.»

كىرىستوفېر سىمىس سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى، رەزىللىكتىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداق بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنداق بولمايدىكەن، شى جىنپىڭنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ساھىبخانلىقىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا، بۇ ئولىمپىكنى تەنقىدلەش، نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى يەنىمۇ كۈچەيمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت