ئامېرىكا ۋە كانادادا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بويقۇت قىلىش چاقىرىقى كۈچەيمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى جون كاتكو 22-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېنغا رەسمىي مەكتۇب يوللاپ، ئۇنىڭدىن ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بويقۇت قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇ مەكتۇبىدا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ قۇرۇلۇش پرىنسىپلىرى بولغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋەدىسىنى قوغدىشى كېرەك. ئامېرىكا دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشىنى تىزگىنلىشى كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى قوللانغان ھەرىكەت ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا زىت. ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش بۇ ئورتاق قىممەت قارىشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇ ئەركىن ۋە ھەققانىي جەمئىيەت ئىزدەيدىغانلارغا بەرگەن ۋەدىمىزگە كۆلەڭگە چۈشۈرىدۇ.»
دۆلەت مەجلىس ئەزاسى جون كاتكو ئامېرىكا فوكس تېلىۋىزىيەسىدە سۆز قىلغاندىمۇ «ئامېرىكانىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى دۇنياغا خاتا سېگنال بېرىدۇ، خىتايغا ۋە ئۇنىڭ تاكتىكىلىرىغا بولدى بەس، دەيدىغان ۋاقىت كەلدى،» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
بۈگۈن، يەنى 25-فېۋرال كۈنى ئامېرىكانىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى نىككى ھېيلىمۇ تىۋىتتېر تورىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلدى. ئۇ ئۇچۇرىدا: «ئامېرىكا ئۆز خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ۋە دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان بىر دۆلەتنى شەرەپلەندۈرمەسلىكى كېرەك. مەن ئامېرىكانىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن،» دەپ يازغان. ئۇ بۇ ھەقتە فوكس خەۋەرلەر تورىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان.
بۇندىن باشقا يەنە كانادادىكى 180 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كانادا ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. بۇ تەشكىلاتلار ئورتاق ئېلان قىلغان چاقىرىقنامىدا ئوندىن ئارتۇق فېدېراتىپ پالاتا ئەزاسى، 13 پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن ژان لۇك براسار قاتارلىقلارنىڭ ئىمزاسى يەر ئالغان ئىكەن.
22-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى كانادا ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ، ماقۇللىغان ئىدى.