BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭلىقلار ھەر كۈنى خىزمەت ئۈچۈن 52 مىنۇت مېترودا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر ئىكەن، بۇ نيۇ - يوركلىقلارنىڭ سەپەر ۋاقتىدىنمۇ ئۇزۇن ئىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ سان خىتايدىكى «بەيدۇ» تورى 300 مىڭ بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسەن چىقارغان.
بېيجىڭنىڭ نوپۇسى نۆۋەتتە 21.5 مىليون ئىكەن.
ھالبۇكى، BBC دىكى مۇلاھىزىگە قارىغاندا بۇ ئامېرىكىنىڭ «ئالما» شىركىتى ئۈچۈن خەيرلىك خەۋەر ئىكەن.
چۈنكى بېيجىڭدىكى كۆپىنچە ياش يولۇچىلار ئۇزۇن مېترو سەپىرىنى كەڭ ئېكرانلىق «ئالما» يانفونلىرى - «iPhone» لارنى كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن.
«ئالما» شىركىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىكى خىتايدا ئالغان پايدىسىنىڭ 70 پىرسەنت ئېشىپ 16 مىليارد دوللار بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.