بېيجىڭدىكى ساقچى مۇزېيىدا «ساقچى دۆلىتى» خىتاينىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى كۆرسىتىلگەن

«ئىقتىساد» تورى 15-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە، خىتايدىكى ساقچى مۇزېيىنىڭ ئەھۋالى، شۇنداقلا كوممۇنىست خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ خىتايدىكى ئۆكتىچىلەرنى، ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنى كەڭ دائىرىلىك تەقىب-نازارەت ئۇسۇلىدا باستۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا يېقىن قەدىمىي بىر بىنادا قۇرۇلغان ساقچى مۇزېيىدا، خىتاينىڭ «جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش قەھرىمانلىرى» نىڭ ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارغا ئائىت خاتىرە بۇيۇملىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ساقچىلىرى ئىشلىتىدىغان زوراۋانلىق قوراللىرىدىن تارتىپ، سىياسىي باستۇرۇشقا قاتناشقان ساقچىلارنىڭ، جۈملىدىن پۇقراچە كىيىنىپ نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئالغان ساقچىلارنىڭ سۈرەتلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتايدا گەرچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ك گ ب غا تەڭ كېلىدىغان بىر ئورۇن بولمىسىمۇ، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ كونتروللۇقىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ساقچى ئورگانلىرى بار. ك گ ب نى ئاڭلىسا موسكۋا خەلقىنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ. خىتايدا گەرچە ك گ ب بولمىسىمۇ، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى چىقىدىغان ھەرىكەتلەر ناھايىتى ئاز. بۇنىڭدىكى سەۋەب، خىتاي ئاللىقاچان تارىختىكى ئەڭ چوڭ نازارەت دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان».