بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنى تەسلەشكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.09


تيەنئەنمېنگە قىلىنغان ئاپتوموبىل ھۇجۇمىدىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىدە تېرىچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دائىملىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل تەكشۈرۈش ھېلى ھەم داۋام قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى پەيجايۇەن بازىرىدا سودا قىلىدىغان ئېلى زورى ئىسىملىك ئۇيغۇر: ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇلار ھەر كۈنى كېلىپ ئاختۇرۇۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلمەيمىز. كىملىكىمىزنىمۇ ھەر كۈنى تەكشۈرىدۇ. نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەي قالدۇق، دېگەن.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر كۈنى پاراكەندە قىلىنىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 28 - ئۆكتەبىر يۇ بەرگەن ماشىنا ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتىغان ۋە ۋەقەنى ئۇيغۇرلارنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى فىلىپ پوتېرنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدا يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ كەلگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: خىتاي قورققان ئىش بولدى. شۇنداق ئىكەن بۇنى كونترول قىلماق تەس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى تەبىئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.