ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جۈمە كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 8 خىل بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان 10 كادىرنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ 3 نەپىرى ئۇيغۇر، قالغىنى خىتاي بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇش، بەزىلىرىگە ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاپ، تاپقان پۇلىنى مۇسادىرە قىلىش قاتارلىق جازالار بېرىلگەن. خىتاي «مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى 10 كادىر ئىچىدىكى 3 ئۇيغۇر خوتەن ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى ئەركىن ئابدۇرازاق، قاغىلىق ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى زىياۋىدىن تۇرمەمەت، يېڭىسار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جەڭگىۋار ئەمەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
خەۋەردە، ئەركىن ئابدۇرازاقنىڭ قىممىتى 75 مىڭ سوملۇق سوغا قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىكى بىر ساياھەت رايونىدا 5 كۈن دەم ئېلىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى بىر كارخانىغا تۆلەتكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق خەۋەردە، ئۇنىڭ قانداق جىنايەتكە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.
خەۋەردە يەنە، زىياۋىدىن تۇرمەمەتنىڭ قىممىتى 41 مىڭ 400 سوم سوغا قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بارلىقىنى، جەڭگىۋار ئەمەتنىڭ 108مىڭ سوم سوغا ئالغانلىقىنى، بۇ ئۈچەيلەننىڭ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېلى ئىمىننى «ئىككى يۈزلىمىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بىراق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي «ئىككى يۈزلىمىلىك»، «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى تازىلىماقتىكەن.
