يەكشەنبە كۈنى بېنگال ساقچىلىرى ھىندىستان بىلەن بېنگال چېگرىسىدا چارشەنبە كۈنى بېنگالنىڭ پايتەختى داككادا گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ خوجايىنى مۇھەممەد سوھېل رانانى قولغا ئالغان.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،
داككادىكى مەزكۇر كىيىم تىكىش فابرىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 قەۋەتلىك ئىش بىناسىدا 3000 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەش جەريانىدا گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە 360 ئادەم ئۆلگەن، كۆپ ساندا ئادەم يارىلانغان. قۇتقۇزۇش خادىملىرى داۋاملىق تۈردە بىنا ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى ئىزدىمەكتە، يەكشەنبە كۈنى ھەربىي قوشۇنلار مەزكۇر بىنا خارابىلىرىنى تازىلاشقا كىرىشكەن،
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، زاۋۇت خوجايىنلىرى ۋەقە چىققاندىن كېيىنمۇ كىشىلەرنى داۋاملىق ئىشلەشكە زورلىغان. ئىشچىلار نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
بېنگال ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر زاۋۇت بىناسىنىڭ خوجايىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولۇپ، ئۇ مەسئۇلىيەتتىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن ئىدى.