بېرما ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئاڭسەن سۇكىي روخىڭيالىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق تۇغۇشى چەكلەنگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.05.27

بېرما ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئاڭسەن سۇكىي، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىسلامى گۇرۇھلار بېرما دائىرىلىرىنىڭ روخىڭيالىق مۇسۇلمانلارغا تۇغۇت چەكلىمىسى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق تۇغۇشىنى چەكلىگەنلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، بېرما دېموكراتىيە ئىتتىپاقى رەھبىرى ئاڭسەن سۇكىي، ئەگەر بۇ راست بولسا، قانۇنغا خىلاپ، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە، بۇنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئاڭسەن سۇكىي، ئىلگىرى بىرمالىق بۇددىستلارنىڭ روخىڭيالىق مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىماسلىق بىلەن تەنقىد قىلىنغان ئىدى.

بېرمادا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بولمىسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە بېرمانىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان راخىن شتاتىدىكى بۇتىدائۇڭ، مائۇڭداۋ بازىرىدا رەسمىي سىياسەت چىقىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشىنى چەكلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بېرما دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق نوپۇس كونتروللۇقى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بېرما ئىسلام كېڭىشىنىڭ رەھبىرى نيۇنت مائۇڭ شېين، بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ بەلگىلىمە ھەربىي ھاكىمىيەت دەۋرىدە يولغا قويۇلغان تەقدىردىمۇ، بىراق دېموكراتىك سىستېمىدا نامۇۋاپىق دەپ قارىلىشى كېرەك، دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.