ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زەئىد رائاد ئەل-ھۆسەيىن بېرما (ميەنمار) ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا «ئېتنىك تازىلاش قوللانمىلىرىدىكى ئۆرنەك» لەرنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بېرما ئارمىيىسى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەندىن بۇيان، يۈز مىڭلىغان روھېڭگالىقلار بېنگالغا قېچىپ بارغان. ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بېنگالغا قېچىپ بارغان روھېڭگالارنىڭ 270 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رائاد ئەل-ھۆسەيىن، بېرما ئارمىيىسى ئېلىپ بارغان رەھىمسىز تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە روھېڭگادا ئۆلتۈرۈش، خورلاش ۋە باسقۇنچىلىق قاتارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە، بېرمانىڭ باستۇرۇشى «خەلقنى زور كۆلەملىك كۆچۈشكە مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىش يولىنى پۈتۈنلەي توسۇشتەك ئەخلاق مىزانغا خىلاپ تۈس ئالغانلىقى» نى، بېرمانىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بېرى روھېڭگالارنى پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھەقلەردىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رائاد ئەل ھۈسەيىن بۇ سۆزلەرنى دۈشەنبە كۈنى باشلانغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەسىللىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن.
رائاد ئەل ھۈسەيىن سۆزىدە يەنە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق گۇرۇھلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان. بىراق، بەزى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئۇنىڭ خىتاي كىشىلىك خاتىرىسى ھەققىدىكى سۆزى بەك يۇمشاق بولۇپ قالدى، دەپ تەنقىد قىلىندى.