بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 20-مارت دۈشەنبە كۈنى 2017-يىلللىق يەر شارى بويىچە «ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى» دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي 79-ئورۇنغا تىزىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا 155 دۆلەت تەكشۈرۈلۈش ئوبىكتى قىلىنغان. نورۋىگىيە خەلقنىڭ بەختىيارلىق(رازىمەنلىك) تۇيغۇسى ئەڭ ياخشى دۆلەت دەپ باھالانغان، ئامېرىكا بۇ يىل 14-ئورۇندا تۇرغان. يەمەن، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر پۇقرالارنىڭ رازىمەنلىك تۇيغۇسى ئەڭ ناچار دۆلەت دەپ باھالانغان.
ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ ب ت د نىڭ دوكلادى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يېقىنقى 30 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا خىتاي خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا يۈكسىلىش بولغانلىقى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى دۇنيادا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇندىكى دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي خەلقىدىكى بەختىيارلىق تۇيغۇسى 25 يىلدىن ئاۋۋالقىغا قارىغاندا تۆۋەنلىگەن.
دوكلاتتا خىتاينىڭ 1990-يىلدىكى ئەھۋالى بىلەن 2015-يىلىدىكى ئەھۋالى سېلىشتۇرۇلۇپ، خىتايدا كېيىنكى 25 يىلدا زور كۆپچىلىك ئاھالىنىڭ ئۆيلىرىدە ماشىنىلاشقان ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا بارغانچە ئۆرلەۋاتقان مال باھاسى، ئۆي-مۈلۈك باھاسى، ئىشسىزلىق، پۇقرالاردىكى خاتىرجەم يېمەكلىك ئىسىتىمال قىلىشتىكى ۋەھىمە، بۇلغانغان ھاۋا كېلىماتى، ساغلاملىق ئەندىشىسى، خىتاي پۇقرالىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق-پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق كۆپ ئامىللار خىتاي پۇقرالىرىدىكى بەختىيارلىق تۇيغۇسىنىڭ تۆۋەنلىشىشىگە سەۋەب بولغان.