ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرىي لوك (لۇ جياخۇي)، يېقىندا ئامېرىكا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشىمىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تىلى تېخىمۇ كۆپ قوغدىلىشى ۋە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ، دېگەن.
گەرىي لوك، بۇ يىل يازدا زور كۆلەملىك بىر ئامېرىكا سودا زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلغان.
ئۇ، ئۈرۈمچىدە خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپلا قالماي، دىنىي، ئىلمىي ساھەدىكى بەزى ئۇيغۇر زاتلار ۋە زىيالىيلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ئۇ «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق مۇھىتى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇلار مەدەنىيەت جەھەتتىكى زور پەرقلەر سەۋەبىدىن باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلماسلىقى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان.
ئۇ يەنە، تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئاتاشنى رەت قىلغان. ئۇ، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۆزى باھا بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.