بېيجىڭلىق ئاتا-ئانىلار نامايىش قىلىپ بالىلىرىنىڭ مەكتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان
2017.06.14
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا يۈزدەك ئامما يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ مەكتىپىنى تۇيۇقسىزلا يۆتكىۋەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.
نامايىش جەريانىدا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا تىركىشىش كەپ چىقىپ، 3 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ مەكتىپىنى تۇيۇقسىز يۆتكەش ئىشى بىر قىسىم مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى سانى ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى يېتىشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا شۇلار تۇرۇشلۇق جايدىكى مائارىپ ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىكەن. نامايىشچىلاردىن بىرىنىڭ رويتېرس مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار بالىلىرىنى ياخشى رايونلاردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئۈچۈنلا بېيجىڭنىڭ چاڭپىڭ رايونىدىكى ئۆي باھالىرىنىڭ شۇنچە قىممەتلىكىگە قارىماي بۇ رايوندىن ئۆي سېتىۋالغان ئىكەن. شۇڭا ئەمدىلىكتە دائىرىلەرنىڭ تۇيۇقسىزلا بالىلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا باشقا ناچار مەھەللىلەردىكى مەكتەپلەرگە يۆتكىۋېتىشى ئۇلارنى قاتتىق نارازى قىلغان.
نامايىشچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن بالىلىرىنىڭ مەكتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما نامايىشچىلارنىڭ ئالدىغا چىققان بىر ھۆكۈمەت خادىمى بۇ ئەھۋالنى بېرىپ چاڭپىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن سۆزلىشىڭلار، دېگەن. ساقچىلار بولسا نامايىشچىلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلار دەرھال تارقالمىغان تەقدىردە، ھەممىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
رويتېرس خەۋىرىدە بېيجىڭدا ئادەتتە بۇنداق نامايىشلار كۆپ بولمىسىمۇ، يېقىندىن بۇيان مۇھىت بۇلغىنىشى، ئۆي-مۈلك مەسىلىلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر سەۋەب بولغان نامايىشلارنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.