خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى تۇرۇش چاقىرىقلىرى كۈچەيمەكتە.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىشى بىلەن «ئۆزگىرىش» ناملىق تور بەتتە «ھوقۇق بولمىسا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىمۇ بولمايدۇ» ماۋزۇلۇق ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى باشلانغان ئىدى.
5-دېكابىر كۈنى بۇ ئىمزا قويۇش ھەرىكىتىگە قول قويغانلار سانى 27 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، 35 مىڭ كىشىلىك نىشانغا يېتىشكە ئاز قالغان.
مەزكۇر قول قويۇش ھەرىكىتىنىڭ چاقىرىقى ئۇيغۇر، ئىنگلىز، خىتاي، تۈرك، ياپونچە ۋە ھىندونېزىيەچىدىن ئىبارەت 6 خىل تىلدا ئېلان قىلىنغان. چاقىرىقتا مۇنۇلار دېيىلگەن:
«ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ روھى بولسا ئەڭ نېگىزلىك بولغان ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا يول قويۇش ۋە ھۆرمەت قىلىش، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى ئىنسانلارنىڭ تىنچ ھالدا بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان باراۋەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتۈر. . . ئەگەر خىتاي جازا لاگېرلىرىنى 2022-يىلىغىچە داۋام قىلدۇرسا، ئۇنداقتا بېيجىڭنىڭ ھېچقانداق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بولمايدۇ. بىيجىڭنىڭ تاللىشى ناھايىتى ئاسان: ياكى نەچچە يۈزلىگەن جازا لاگېرلىرىنى تاقىشى كېرەك ياكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك».
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوتمۇ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى NBA غا تۇتقۇن مۇئامىلىسى سەۋەبلىك 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھەققىنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
«ئامېرىكا كەسىپلەر ئىنستىتۇتى» تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايكىل ماززا 2-دېكابىر كۈنى «لوس ئانجېلىس ۋاقتى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ «ئەگەر ئامېرىكا خىتاينى غەلىبىلىك ھالدا شىنجاڭدىكى سىياسەتلىرىنى يۇمشىتىشقا كۆندۈرىمەن، دەيدىكەن ئۇ ھالدا ئۇلار شى جىنپىڭنى بىۋاسىتە نىشانغا ئېلىپ، بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى كوزىر قىلىش ئارقىلىق بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك» دېگەن.