بۈگۈن ئىستانسىمىزغا غا كەلگەن ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، ھازىر بېيجىڭ دائىرىلىرى بېيجىڭ تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئاپتوموبىل كىرالاش ئورۇنلىرىغا كىملىك نومۇرى 60 بىلەن باشلانغان كىشىلەرگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەنلەرگە ئاپتوموبىل كىرالاپ بەرمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن.
بىزگە ئەھۋال ئىنكاس قىلغان كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۈگۈن بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر ئورۇنغا ئاپتوموبىل كىرالاش ئۈچۈن بارغىنىدا خىزمەتچىلەر ئۇنىڭغا ئاپتوموبىل كىرالاپ بېرىشنى رەت قىلىپ، يۇقىرىدىن شۇنداق بۇيرۇق بارلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي دائىرىلىرى تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كۈچەيتىپ، ھەرقايسى كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى. ھازىر بېيجىڭدا ئوقۇش، خىزمەت ۋە تىجارەتكە ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا، ۋەقەدىن كېيىن ئۆزلىرىگە قارىتىلغان بېسىم ۋە تەقىپنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يەنە بىر قات چىڭىتىلغان.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ساقچى دائىرىلىرى نۆۋەتتە دىنى ئېتىقادى كۈچلۈك دەپ قارىغان ئائىلىلەرنى «زىيارەت» قىلىشنى باشلىۋەتكەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر ۋەقەنى تېخىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغان باھانىگە ئايلاندۇرماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.