بېيجىڭ شەھىرىدە كاۋاپدانلار يىغىشتۇرۇلۇشقا باشلىدى

بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوچۇقچىلىقتا كاۋاپ سېتىۋاتقان كاۋاپچىلارنىڭ سودىسىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ كاۋاپدانلىرىنى يىغىشتۇرۇشنى باشلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە 500 دىن ئارتۇق كاۋاپدان بۇزۇپ تاشلانغان.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كاۋاپدانلاردىن چىققان ئىسلارنىڭ ھاۋانى بۇلغايدىغانلىقى ۋە ئادەملەر تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، ئۆپكىلىرىگە زىيانلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونىنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر خىزمەتچىسى ئۈچ ئايلىق ھەرىكەت جەريانىدا نەچچە يۈزلىگەن كاۋاپدانلارنىڭ مۇسادىرە قىلىنىپ، قايتىدىن ئىشلىتىشكە بولمايدىغان قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە كاۋاپدانلىرى بۇزۇپ تاشلانغان كاۋاپ ساتقۇچىلار ئارىسىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ بار. بېيجىڭ قاتارلىق ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرىدە زور ساندا ئۇيغۇرلار كاۋاپ سېتىش بىلەن ئائىلىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك كەمسىتىشلەرگە ۋە تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر بىلەن سودا قىلىش چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئانالىزچىلار بېيجىڭ شەھىرىدىكى كاۋاپ ساتقۇچىلارغا بېرىلگەن مەزكۇر زەربىدىن ئۇيغۇر كاۋاپ ساتقۇچىلارنىڭ كۆپرەك زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە تۇرۇشىغا بولغان كونتروللۇقنىڭ كۈچەيگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.