خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ شەھىرىنى بۇلغاۋاتقان سانائەت ۋە زاۋۇت-كارخانىلارنى خېبېي ئۆلكىسىگە يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.08.24

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تيەنجىندىكى زور پارتلاشتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇھىتىنى بۇلغاۋاتقان چوڭ-كىچىك سانائەت ۋە زاۋۇت-فابرىكىلارنى خېبېي ئۆلكىسىگە تارقاقلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇمكى، خىتاي پايتەختى بېيجىڭنى ئوراپ تۇرغان خېبېي ئۆلكىسى بىلەن ئۇنىڭ يېقىن قوشنىسى بولغان تيەنجىن شەھىرى خىتايدىكى ئەڭ مۇھىم سانائەت بازىسى بولۇپ، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر رايونغا ئايلانغان. بۇ رايوندا ھازىر خىتايدىكى 100 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە كۈندە ئىس-تۈتەك سۈمۈرۈپ ياشىماقتىكەن.

ئۆتكەن يىلى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خىتايدىكى بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولغان ۋە ئىس-تۈتەك ئىچىدە قالغان 10 شەھەرنىڭ 7 سىنىڭ خېبېي ئۆلكىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، تيەنجىندىكى زور پارتلاش خىتاي كومپارتىيەسىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان. نۆۋەتتە 23 مىليون ئادەم ياشاۋاتقان بېيجىڭ شەھىرىدىن خەتىرى زور بولغان خىمىيە زاۋۇتلىرى بىلەن بىر قىسىم ھەربىي سانائەت بازىلىرىنى خېبېي ئۆلكىسىگە تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي پايتەختىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.