21-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابىدا ئېچىلغان ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى ۋە «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشانلاش ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش» نى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ، پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ تۇنجى قېتىم ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىشى ئىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشانلاش ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش مەيلى شىنجاڭ، مەيلى شىمالىي ئېفىيوپىيە ۋە مەيلى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، بىز بۇنىڭغا قارشى چاقىرىق ئېلان قىلىش ۋە ئەيىبلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»
پرېزىدېنت بايدېن يەنە سۈنئىي ئىدراكنىڭ باشقىلارنى باستۇرۇش قورالى قىلىنماسلىقى لازىملىقى، يەرشارى كىلىمات مەسىلىسى، ئىنسانىي قەدىر قىممەت قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئۇ نۇتقىدا خىتاينى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي ئېتنىك توپلۇقلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدىكى تۇنجى نۇتقىدا ئالاھىدە ساناپ ئۆتىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.