پرېزىدېنت بايدېننىڭ ھاۋا كېلىمات ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان خىتاي شىركىتىدە پاي ئۈلۈشى بار ئىكەن

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ھاۋا كېلىماتى ئالاھىدە ۋەكىلى جون كەرىي ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان ئامېرىكانىڭ «قارا تىزىملىكى» دىكى خىتاي شىركىتىنىڭ ئاساسلىق سەرمايەدارى بولغان خىتاي مەبلەغ فوندىدا پاي چېكى بارلىقى مەلۇم بولغان.

جون كەرىي خىتاي بىلەن بولغان كېلىمات سۆھبىتىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سەل قاراش ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى قانۇن لايىھەسى» گە قارشى ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىپ كەلگەن. «ۋاشىنگتون ئەركىن ماياك» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، جون كەرىينىڭ «گاۋلىڭ خىتاي مەبلەغ فوندى چەكلىك شېركىتى» دە ئاز دېگەندە بىر مىليون دوللارلىق پاي چېكى بار ئىكەن.

«گاۋلىڭ خىتاي مەبلەغ فوندى چەكلىك شىركىتى» خىتايدىكى يىتۇ تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچېكى بولۇپ، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئ‍ىلگىرى بۇ شىركەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۇقۇرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تونۇيدىغان يۇز تونۇش يۇمتالى ياسىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

2019-يىلى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بۇ شىركەتنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا قارىتا باستۇرۇش، خالىغانچە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، يۇقۇرى تېخنىكالىق نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشى ۋە خورلىشىغا ئىشتىراك قىلغانلىقى» سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ «فوكس» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بايدېننى «يا قۇل ئەمگىكىدىن پايدىغا ئېرىشكەن بۇ ئادەمنىڭ تەرىپىدە تۇرۇشقا، يا ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا» چاقىرغان. ماركو رۇبىيو: «ھازىر ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغانلىقى چۈشىنىشلىك بولدى،» دېگەن.