ئاقساراي بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋا كىلىماتى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتىنى چەكلەشنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى رەت قىلغان

ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سوللىۋان، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن يەرشارى ھاۋا كىلىمات ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىش ياكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى رەت قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەك سوللىۋان 26-ئ‍ۆكتەبىر مۇخبىرلارغا ئامېرىكانىڭ ئۆز قۇياش ئېنېرگىيەسىگە ئىگە بولالايدىغانلىقى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جەك سوللىۋان پرېزىدېنت بايدېننىڭ ھاۋا كىلىمات نىشانىغا يېتىش، جۈملىدىن 2050-يىلغىچە ھاۋاغا زەھەرلىك كاربون قويۇپ بېرىشنى ئىقتىساتتا نۆلگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ئاقساتقانلىقىغا دائىر تەنقىدلەردىن كېيىن بۇ سۆزنى قىلغان. تەنقىدچىلەر، پرېزىدېنت بايدېننىڭ ھاۋا كىلىمات ۋەكىلى جون كەررىينىڭ ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، جەك سوللىۋان مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: «پرېزىدېنت بىزنىڭ شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق جايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە، قۇل ئەمگىكىگە قارشى كۈچلۈك پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىمىزغا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈچلۈك، چىداملىق ۋە ئۈنۈمدار قۇياش ئېنېرگىيەسى تەمىنات زەنجىرى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىمىزغا تۈپتىن ئىشىنىدۇ».

جەك سوللىۋاننىڭ تەكىتلىشىچە، «ئامېرىكا ئۈچۈن بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلىنىشنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك سەۋەبى يوق» ئىكەن. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە يەنە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ، «ئەگەر ۋاشىنگتون كىشىلىك ھوقۇقنى تەنقىد قىلىشنى يۇمشاتسا، بېيجىڭ كىلىماتتا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىدۇ»، دېيىشنى «چولتا قاراش» دەپ تەنقىدلىگەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۇرى تۈركەل ؛ «ھەر قانداق شىركەت ياكى ھۆكۈمەت ئەرزان باھالىق ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىنى ۋە زامانىۋى قۇللار ئىشلەپچىقارغان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنى ئېنېرگىيە تېجەيدۇ، دەپ، نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ۋە ئاجىز دىنىي ھەم ئېتنىك ئاھالىلەرنىڭ قۇل قىلىنىشىغا كۆز يۇمماسلىقى كېرەك» دېگەن.