ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 20-ماي كۈنى جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئولغا يېتىپ بېرىپ، خىتاي مەسىلىسىدە ئىتتىپاقداشلىرىنى خاتىرجەم قىلىشنى مەقسەت قىلغان 4 كۈنلۈك شەرقىي ئاسىيا زىيارىتىنى باشلىغان.
«دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دىپلوماتىك مەنبەلىرى پرېزىدېنت بايدېننىڭ تاشقىي سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى خىتاينى كونترول قىلىش ئىكەنلىكى، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا بەرگەن ياردىمى سەۋەبلىك باشقىلاردا ئۇنىڭ ئاساسلىق دىققەت نەزەرى غەربكە ئاغدى، دېگەن چۈشەنچە پەيدا قىلماسلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
خەۋەردە بايدېننىڭ زىيارىتى ئامېرىكانىڭ ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيەگە ئۇنىڭ جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ئىكەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 20-ماي بەرگەن خەۋىرىدىمۇ ئۇنىڭ بۇ زىيارەت ئارقىلىىق ئامېرىكانىڭ داۋاملىق خىتايغا قارشى تۇرۇشقا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت بايدېن تۆت كۈنلۈك بۇ زىيارىتىدە 21-ماي كۈنى جەنۇبىي كورىيەنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى يۇن سوك يېئول بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئاندىن ئۇ ياپونىيەنى زىيارەت قىلىپ، توكيۇدا ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۆت دۆلەت خەۋپسىزلىك دىيالوگى گۇرۇھى» نىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.
خەۋەرلەردە يەنە پرېزىدېنت بايدېننىڭ توكيۇدا ھىندى-تىنچ ئويان ئىقتىسادى رامكىسىنى رەسمىي ئېلان قىلىشى مۇمكىنلىكى، ئامېرىكا باشچىلىق قىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتنىڭ سودا ۋە تەمىنات زەنجىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. «تاشقىي سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سوللىۋان «بۇ زىيارەتتە بىزنىڭ يوللىماقچى بولغان سىگنالىمىز، ئەگەر دۇنيادىكى دېموكراتىيەلەر ۋە ئوچۇق جەمئىيەتلەر بىرلىشىپ، يول قائىدىسىنى بېكىتسە، دۇنيانىڭ قانداق كۆرۈنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئجاابىي سىگنال بېرىشتۇر،» دېگەن.