«پولىتىكو» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 31-مارت كۈنى بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينى «ھەددىن زىيادە پولات-تۆمۈر، ئاليۇمىن ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپ چىقىرىپ، يەر شارىدىكى ئارتۇقچە ئىشلەپچىقىرىشقا سەۋەب بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت،» دەپ تەنقىد قىلغان ۋە خىتاينىڭ «بۇ زىيانلىق سودا ئادىتىنى ھەل قىلىش» ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
يۇقىرىقى سۆزنى ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى ئۆزىنىڭ تاشقىي سودىدىكى توسالغۇلار توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمى 30 بەتتىن ئاشىدىكەن.
دوكلاتتا مۇنداق دىيىلگەن: «خىتاينىڭ دۆلەت رەھبەرلىكىنىڭ ئىقتىساد ۋە سودىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۇنى دۇنيادا ئارتۇقچە ئىقتىسادىي كۆلەم پەيدا قىلىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى جىنايەتچىگە ئايلاندۇردى. پولات-تۆمۈر، ئاليۇمىن، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق بىر قانچە كەسىپتىكى ئېغىر ئەھۋاللار بۇنىڭ ئىسپاتى.»
سودا ئىشخانىسى دوكلاتىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە يۈز مىليارد دوللار مەبلەغ چىقىرىپ، خىتاي شىركەتلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلاردىن دۆلەت ئىچىدىكى بازار ئۆلۈشى ئۈچۈن ئالدىن بېكىتىلگەن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق باشقا ساھەلەردىمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى ئارتۇقچە ئىشلەپچىقىرىش پەيدا قىلىش يولىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇنداق زىيانلىق سودا ئادىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«پولىتىكو» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كەسكىن پوزىتسىيەسى ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ راۋان بولمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.