خىتاينىڭ تەسىرىگە قارىتا ئەندىشە كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خىتاينىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا قارىتا دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. پرېزىدېنت بايدېن 15-ئىيۇل گېرمانىيە باش مىنىستىرىنى ئانگېلا ئاقسارايدا كۈتۈۋالغان.
جوۋ بايدېن ئانگېلا مېركېل بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا: «بىز خىتاي ياكى باشقا دۆلەتنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق جەمئىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، دېموكراتىك پرىنسىپلارنى ۋە ئۇنىۋېرسال ھەق-ھوقۇقلارنى قوغدايمىز،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى دۆلەت رەھبىرى بۇ قېتىم يەنە «ۋاشىنگتون خىتاپنامىسى» ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «‹ئوچۇق دۇنيا› نى تاشقىي كۈچلەرنىڭ مەجبۇرلىشى ۋە ھۆكۈمرانلىقىدىن قوغدايدىغانلىقى»، شۇنداقلا «ھەممە جايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ماس قەدەمدە جاۋاب قايتۇرۇدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. كيۇتو ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ماس قەدەمدە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتايغا قانچىلىك قاتتاق بولۇش مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا پەرق بار ئىكەن.
مېركېل ئاخبارات يىغىنىدا گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ «كىشىلىك ھوقۇق قانداق يەردە كاپالاتكە ئىگە بولمىسا، شۇ جايدا ئاۋازىنى چىقىرىدىغانلىقى»، شۇنداقلا يەنە بۇ ئىككى دۆلەت «دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغدايدىغانلىقى» نى ئېيقان. مېركېل يەنە خىتاي بىلەن بولغان سودىنىڭ «ھەممىگە ئورتاق بولغان تەڭ باراۋەر شەرتلەرنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئانگېلا مېركېل پرېزىدېنت بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 1-ئايدىن بېرى ئاقساراينى زىيارەت قىلغان تۇنجى ياۋروپا رەھبىرىدۇر.