پرېزىدېنت جوۋ بايدېن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى يوللاپ، تۇران ۋە ئىران خەلقى، ئومۇمەن بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان بارلىق قەۋملىرىگە تىنچلىق ۋە خۇشاللىق تىلىدى.

ئۇ 20-مارت كۈنى يوللىغان تىۋېتتىرىدا نورۇز تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «نورۇز بايرىمى مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بايرام بولۇپ، بۈگۈن دۇنيادا مىليونلىغان ئىنسانلار بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ. بۇ يېڭى بىر يىلنىڭ باشلىنىشى، بۇ بايرام بىزگە زۇلمەتنىڭ ھامان ئارقىدا قالىدىغانلىقىنى، ئۈمىد تېڭىنىڭ ھامان ئالدىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. بارلىق نورۇز ئەھلىگە شادلىق تىلەيمەن» دېدى.

پرېزىدېنت جوۋ بايدېن يەنە 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقسارايدا نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكا، ياۋروپا، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋى بايرىمى بولغان نورۇز كۈنىنى كۈتىۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئۇ بۇ پائالىيەتتە قىلغان تەبرىك سۆزىدە، يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى بولغان بۇ قۇتلۇق كۈننىڭ بۇ بايرام مەنسۇپلىرىغا ئۈمىد بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ، ئىنسانلىق ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بۇ ئېغىر كۈنلەردىن قۇتۇلۇشىغا بولغان تىلەكداشلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نورۇز بايرىمى خەلقئارادا ئىرانلىقلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى دەپ تونۇلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن تۈركىىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىدۇر. نورۇز بايرىمى ھەر يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2010-يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ كۈننى «خەلقئارا نورۇز كۈنى» دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما دەۋرىدىن باشلاپ ئاقسارايدا نورۇز بايرىمى تەبرىك سۆزى قىلىش داۋاملىشىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.