جوۋ بايدېن ئامېرىكانىڭ كومپيۇتېر ئۆزىكى ياساش سانائىتىنى گۈللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكانىڭ خىتاي ئالدىدىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر  قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكانىڭ كومپيۇتېر ئۆزىكى ياساش سانائىتىنى گۈللەندۈرۈپ، بۇ ھالقىلىق تېخنىكىدا دۇنياۋى ئۈستۈنلۈكنى ساقلاش ئىرادىسىنى نامايەن قىلغان.

CNBC (ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى ئىقتىساد قانىلى) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكانىڭ كومپيۇتېر ئۆزىكى ياسايدىغان شىركەتلىرىگە 52 مىليارد دوللار ياردەم بېرىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش سانائىتىگە مەبلەغ سالغۇچىلاردىن نەچچە 10 مىليارد دوللارلىق باجنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى ياكى ئاز باج ئېلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەن. جوۋ بايدېن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «بۈگۈن كارخانا قۇرغۇچىلارنىڭ كۈنىدۇر، بۈگۈن ئامېرىكا مەھسۇلات بېرىدىغان كۈندۇر،» دېگەن.  

بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىمزالىنىشى ئامېرىكانىڭ شۇ ساھەدىكى شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بۇ سانائەتنى گۈللەندۈرۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتقان. كۆپلىگەن شىركەتلەر يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتىگە 44 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكانىڭ مىكرون مەبلەغ سېلىش شىركىتى كومپيۇتېر ئۆزىكى ياساش سانائىتىگىلا 40 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق 8000 كىشىلىك يېڭى ئىش پۇرسىتى يارىتىدىكەن، ئامېرىكانىڭ كومپيۇتېر ئۆزىكى ياساش سانائىتىنىڭ خەلقئارا بازاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2 پىرسەنتتىن 10 پىرسەنتكە چىقىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللار، كومپيۇتېر ئۆزىكى قاتارلىقلار ئېلېكتىر سايمانلىرى، ماشىنا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ھەربىي قوراللارنىڭ ھالقىلىق زاپچاسلىرى بولۇپ، تاجسىمان ۋىرۇس يامراپ كەتكەن مەزگىلدە ئۇنى تەمىنلەش قىسچىلىقى كۆرۈلگەن؛ ئامېرىكا چەت ئەلدە ياسىلىدىغان كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىگە بەكلا تايىنىپ قالغان؛ يەنە كېلىپ خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئامېرىكادىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنۇشلىرى ئامېرىكانىڭ ئىناۋىتى ۋە دۆلەت خەپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان.      

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.