ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلىشىدىغانلقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدىن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «مەن كەلگۈسى 10 كۈن ئىچىدە شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلىشىشىم مۇمكىن» دېگەن. ئەگەر بۇ تېلېفون سۆھبىتى ئەمەلىيلەشسە، بۇ ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ 4 ئايدىن بۇيانقى تۇنجى سۆھبىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلۇسى خانىمنىڭ تەيۋەنگە زىيارەتكە بارىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر چىققاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى قاتتىق جىددىيلەشكەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
پرېزىدېنت بايدېن مۇخبىرلارنىڭ ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ كېلەر ئاي تەيۋەندە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «مېنىڭچە ھەربىي تەرەپ بۇ پىكىرنى ھازىرچە ياخشى پىكىر دەپ قارىمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەرەققىياتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن» دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىمۇ ئوخشاشلا ئەگرى-توقاي ئىكەن. يېقىندا پرېزىدېنت بايدىننىڭ ئامېرىكادىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن سابىق پرېزىدېنت ترامپ مەزگىلىدە خىتايغا قويۇلغان بىرقىسىم تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققان بولسىمۇ، ئەمما بىرقىسىم ئەمەلدارلار يەنە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز شىركەتلىرىگە تولۇقلىما بېرىش شۇنداقلا يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە ئوخشاش مۇھىم ساھەلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلاشنى پىلان قىلىۋاتقانىكەن. ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ خىتايغا يەنىمۇ كۆپ جازا تەدبىرلىرىنىڭ قويۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.