ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 14-نويابىر دۈشۈنبە كۈنى ھىندىنېزىيەنىڭ بالى شەھىرىدە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، 3 سائەت سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئاز كەم 2 يىلدىن بېرى شى جىنپىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن سۆھبەتنىڭ «ئوچۇق ۋە سەمىمى» ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان. بايدېن مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭغىمۇ، ماڭىمۇ ئېنىق، بىز ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى، قىممەت قارىشىنى قوغدايمىز، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپ ئۈچۈن چىڭ تۇرىمىز، شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن بولغان بىرلىكنى ساقلايمىز.»
بايدېننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار خىتاي بىلەن «كەسكىن رىقابەتلەشسىمۇ، لېكىن توقۇنۇش يولىنى تۇتمايدىكەن». ئاقساراي جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشۈشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، پرېزىدېنت بايدېننىڭ سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق ۋە خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تەكىتلەنگەن. لېكىن بايدېن ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان-ئالمىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتىش تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە،G20 يەنى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۈنتۈرتىپكە قويۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 14-نويابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا،G20 رەھبەرلىرىنىڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارىتا ئوچۇق-ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
CNN نىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىشىىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىمىزگە ئېلىپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىمىزنى نامايەن قىلىشىمىز، رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا يېقىنلىشىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز، ئۆز ئارا ھەمكارلىقىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان جىددىي خەلقئارا مەسىلىلەردە بىرگە ئىشلىشىمىزنىڭ يوللىرىنى تېپىشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن.»