ئامېرىكا ئاقساراينىڭ بايانات بېرىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. 2-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەندە پرېزىدېنت بايدىن تېلېفوندا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىنغا قاراتقان قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتى، ئۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى قوللىشى، خوڭكوڭنىڭ يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر بويىچە سۆزلەشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۆرۈشۈش ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم سۆزلىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېللېن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىتايغا بارىدىكەن، ئۇندىن كېيىنكى ھەپتىلەردە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېنمۇ خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ تېلېفون سۆھبىتىنى بۇ زىيارەتلەردىن ئاۋۋالقى «يوقلاش» دەپ ئاتاشقا بولىدىكەن.
بۇ ئەمەلدار سۆزىدە، بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى دېگەن.
تېخى يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىر تور جاسۇسلۇق گۇرۇپپىسىغا جازا تەدبىرى قويغان ۋە ئۇنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئامېرىكا ئاق ساراي بۇ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدىكى باياناتىدا، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى پىلانلىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت مەقسەتكە خىزمەت قىلىدىكەن.