ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 15-نويابىر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ سان-فرانسېسكو شەھىرىدە كۆرۈشۈپ، كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى سۆزلىشىدۇ. نۆۋەتتە، بايدىن - شى جىنپىڭ سۆھبىتىنىڭ تېمىسى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ھەر ئىككىلا تەرەپ كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن يۇمشاق كەيپىيات يارىتىشقا تىرىشسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىنى كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. ئاق ساراي ئەمەلدارلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار بۇ كۆرۈشۈشتە يەتمەكچى بولغان ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت قاناللىرىنى ئوچۇق تۇتۇش، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنى پەسەيتىش ئىكەن.
ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى كېرىن ژان پېئىرېنىڭ كۆرسىتىشىچە، رەھبەرلەر «ئالاقە قاناللىرىنى داۋاملىق ئوچۇق تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى»، ئۇلار ئارىسىدىكى «رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش ۋە مەنپەئەتىمىز كېلىشىدىغان جايلاردا، بولۇپمۇ چېگرا ھالقىغان خەلقئارا جەمئىيەتكە تەسىر قىلىدىغان خىرىسلاردا قانداق ھەمكارلىشىش» نى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ شى جىنپىڭنى تېھرانغا بولغان تەسىرىنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىنى رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۈندەيدىغانلىقى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ سۆھبەت تېمىسىنىڭ يەنە كىشىلىك ھوقۇق، تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىك، جەنۇبىي دېڭىز، شىمالىي كورېيە مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەتتە پىرېزىدېنت بايدىن شى جىنپىڭغا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىدىكەن. ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سوللىۋان 12-نويابىر يەكشەنبە كۈنى بايدېننىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ يەنە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئادەمسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى، يادرو ئوق بېشى قاتارلىق قوراللارغا ئىشلىتىشنى چەكلەش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەرلەردە، شى جىنپىڭنىڭ سان-فرانسېسكودا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.