ئامېرىكانىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدە ئېچىلىدىغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى» گە قاتنىشىدىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يىغىن جەريانىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقى جەزملەشكەندىن كېيىن، بۇ ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئەڭ قىزىق تېمىسى بولۇپ قالدى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى شى جىنپىڭنىڭ 14-نويابىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەي چى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغان. شى جىنپىڭ 15-نويابىر (چارشەنبە كۈنى) پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ بىر يىل بۇرۇن ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى تۇنجى ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، شى جىنپىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن. بولۇپمۇ ئۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان» مۇناسىۋەت بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ھالبۇكى يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ئوڭشاش تىرىشچانلىقىنىڭ سەمىمىي ئەمەسلىكى تەھلىل قىلىنماقتا. ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ مەسلىھەتچىسى، ئامېرىكا خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايلىس يۈ (يۈ ماۋچۈن) ئەپەندى «X» تە قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ نۆۋەت سان-فىرانسىسكودىكى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولۇۋاتقىنى ‹ئۆزئارا ھۆرمەت› ، ‹تىنچلىق ئىچىدە بىللە مەۋجۇت بولۇش› ۋە ‹ھەر ئىككى تەرەپ ئۇتۇق قازىنىش› ئاساسىدىكى ئۈچ پىرىنسىپ بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بولسا ‹مېنىڭ باستۇرۇشلۇرۇمنى ۋە خاتالىقلىرىمنى كۆرمەسكە سېلىپ تەنقىد قىلماڭلار؛ ئۆزۈمنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىسى بىلەن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى بولغىنىمدا ماڭا قارشى تۇرماڭلار؛ خىتاي ئىككى قېتىم غەلىبە قىلىدۇ، ئامېرىكا بولسا ئىككى قېتىم ئۇتتۇرىدۇ› دېگەندىن ئىبارەت» دەپ تەھلىل قىلغان.
ئاق ساراي باياناتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىدىكى ئاساسلىق سۆھبەت تېمىسى ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىنىڭ رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشقا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەيۋەن مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق، جەنۇبىي دېڭىز، شىمالىي كورېيە قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.