كېلەر ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بايدېن ھۆكۈمىتى 23-دېكابىر خىتاينىڭ ئاپتوموبىللىرىدىن تارتىپ، ئائىلە ئەسلىھەلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىسىدا ئىشلىتىۋاتقان ئەنئەنىۋى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلىغان. ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي «دائىم ئەركىن بازار قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان سىياسەت ۋە ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا، شۇنىڭدەك سانائەت نىشانلىرىنى پىلانلىماقتا» ئىكەن. ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ «رىقابەتكە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا ھەم نېگىزلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەمىنلەش زەنجىرىدە خەتەرلىك بېقىنىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە» دېيىلگەن.
بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تەكشۈرۈش قارارى، ئامېرىكانىڭ خىتاي يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتىگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئالغان بۇ جەھەتتىكى نۇرغۇن تەدبىرلىرى ئىلغار تىپلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنى، بولۇپمۇ سۈنئىي ئەقىل ساھەسىگە ئىشلىتىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنى كونترول قىلىشنى نىشان قىلغان. ھالبۇكى، بۇ قېتىم ئامېرىكانىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ئاپتوموبىل ۋە ئائىلە سايمانلىرىغا ئىشلىتىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللىرىغىمۇ قارىتىلغان.
بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ئۇنىڭ يېقىندا 140 تەك خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتىگە ئېكسپورت كونترول چەكلىمىسى قويۇشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلان قىلىنغان. ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم خىتاينىڭ «يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە ئىشلىتىدىغان كىرېمنىي كاربون ياكى باشقا ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتى، سىياسىتى ۋە ئەمەلىيىتىنى تەكشۈرىدىكەن». بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش قارارى، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ۋەزىپىسىنى يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن بىر قانچە ھەپتە ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 23-دېكابىر بىلدۈرۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئەنئەنىۋى يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى تاماملاش ۋەزىپىسىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.