بىڭتۇەن پارتكومى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.01.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» يېقىندا يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر يېرىم ئىشلەپچىقىرىش، يېرىم قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك ۋە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش» تا، رايوننىڭ ئ‍ىقتىسادى ۋە تېخنولوگىيە تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشى، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەننى قوشىۋېتىشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

«بىڭتۈەن گېزىتى» نىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، بۇ چاقىرىق بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ 12-يانۋار چاقىرىلغان 8-نۆۋەتلىك-4 ئومۇمى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن خەۋەردە، بۇ يىغىننىڭ روھى نېمە ئۈچۈن ئەمدى خەۋەر قىلىنغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىلمىگەن.

«بىڭتۈەن گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇينىڭ تەلىپى يەتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ «بۇ يىللىق خىزمەتنى ئاساسى نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستىراتېگىيەسىگە كاپاتلىك قىلىشى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ چېگرانى قوغداشتىكى رولىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەننىڭ قوشۇۋېتىلىشى ۋە بىڭتۇەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىڭتۇەننىڭ رايوندىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، يەر-زېمىن، بايلىق، بىخەتەرلىك، نۇپۇس جەھەتلەردىكى تەسىرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.

بىڭتۇەن بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئىمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى. لېكىن بۇ قېتىملىق يىغىن، بىڭتۇەننىڭ «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئورنىغا بولغان تەلىپىنى تولۇق ھەم توغرا ئىجرا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسى نىشانىغا مەركەزلىشىش» نى، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەن قوشۇلۇپ تەرەققىي قىلىشنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىشتە تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشى» نى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.