ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچرىغان بىڭتۇەننىڭ 2020-يىللىق كىرىمى 3.1 پىرسەنت ئاشقان

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى رولى سەۋەبلىك 2020-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچرىغان بىڭتۇەن، ئۆز ئاھالىلىرىنىڭ 2020-يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ 3. 1 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. «بىڭتۇەن» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىڭتۇەن ئاھالىسىنىڭ 2020-يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 34 مىڭ 435 يۈەنگە يەتكەن. خەۋەردە ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا 3.1 پىرسەنت ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بىراق كىرىمنىڭ ئېشىشىدا ئىشلەپچىقىرىش ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئاساسلىق رول ئوينىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، بولۇپمۇ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن باشلاپ بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ جەنۇبقا قاراپ كېڭىيىشىنى تېزلەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر شەھەر قۇرۇشىنى تەستىقلىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا بىڭتۇەنگە قويغان ئېمبارگو قارارىدا ئۇنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلوڭ ۋە قوماندانى پېڭ جارۇينىمۇ جازالىغان. ئارقىدىن بىڭتۇەننىڭ پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىمۇ چەكلىگەنىدى.

«بىڭتۇەن» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىڭتۇەن ئاھالىسىنىڭ «كىرىمىنىڭ ئۆسۈشى» گە ئاساسلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە خەلق تۇرمۇشى، پېنسىيە، داۋالاش قوشۇمچە ياردەم پۇلىنىڭ كۆپەيتىلىشى، شۇنىڭدەك پاختا باھاسىغا قوشۇمچە ياردەم پۇلىنىڭ ۋاقتىدا بېرىلىشى سەۋەب بولغانىكەن. لېكىن خەۋەردە، بىڭتۇەن ئاھالىسىنىڭ ئومۇمى كىرىمى ئاشقان بولسىمۇ، بىڭتۇەن شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى بۇرۇنقىدىن ئازايغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىرىمنى قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىپ ئۆستۈرۈشتەك بۇ خىل ئۇسۇلى ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن.