ئۇيغۇر رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ زور بىر قىسمىنى قوشۇۋالغان بىڭتۇەن يېقىنقى يىللاردا ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەرلەرنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، يەر ئەڭ قىس بولغان قەشقەرمۇ بىڭتۇەننىڭ كېۋەز تېرىش بازىسىغا ئايلانغان.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 4-ئاپرېل كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىڭتۇەن 3-دېۋىزىيەسى تۇمشۇق شەھىرى 950 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىغان.
بۇ خەۋەردە زامانىۋى كېۋەز تېرىش مەشغۇلاتى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، كېۋەز تېرىشتىن باشلاپ سۇغۇرۇشقىچە ھەممە ئىشنىڭ ماشىنىلاشقانلىقى، كېۋەزگە دورا چاچقاندا ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون)، پاختا تەرگەندە پاختا تېرىش ماشىنىسى ئىشقا سېلىنىدىغانلىقى، ھېچكىمنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنمايدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكچى بولغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان بىڭتۇەن 3-دېۋىزىيەسى تۇمشۇق شەھىرى ئۇيغۇر رايونىدا كەينى-كەينىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان بىڭتۇەن شەھەرلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر شاھمات تاختىسى بولۇش» سىياسىتىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ 1995-يىل ئېلان قىلغان «بىڭتۇەننى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» قارارى بىڭتۇەننى جەنۇبتا كېڭەيتىش پىلانى بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ، قەشقەر ۋە خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازغىنە تېرىلغۇ يېرىمۇ بىڭتۇەننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغىنىدا، «بىڭتۇەننىڭ كېڭىيىشى ۋە كۈچىيىشى خىتاينىڭ شۇ زېمىندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەنىدى.