ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەن بۇ يىل 12 مىليون 500 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىشنى پىلانلىماقتىكەن

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى، يەنى بىڭتۇەننىڭ رايوندىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاساسەن دېگۈدەك ئىگىلەپ بولغانلىقى، شۇنداقلا يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يىلدىن-يىلغا كۆلەملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«بىڭتۈەن خەۋەرلىرى» تورى 6-ئاپرىل كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، بىڭتۇەننىڭ بۇ يىل 12 مىليون 500 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىدا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتكەن بىڭتۇەننىڭ بۇ يىل پەقەت كېۋەز ئۈچۈنلا 12 مىليون مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرنى ئاجرىتىشى، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بىڭتۇەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىگەن ھەم شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان يېرىم ھەربىي خاراكتېرلىق ئورگاندۇر. يېقىندىن بۇيان بىڭتۇەنگە ئائىت خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان تېرىلغۇ يەر كۆلىمىگە ئائىت رەقەمنىڭ شىددەت بىلەن زورىيىپ مېڭىشى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا بىڭتۇەن ئىگىلىۋالغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىكەن.

بىڭتۇەندە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان پاختا، پەمىدۇر قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈلۈشى چەكلەنگەن ئىدى. بىراق بىڭتۇۋەننىڭ بۇ يىل 12 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن پاختا ئېكىسپورتىنى داۋاملىق كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ۋە يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كېۋەزلىكلەردە مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىكەن.