بىڭتۇەننىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 12 ھەسسە كۆپ بولغان

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئاساسلىق ساھەلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا خىتاينىڭ رايوندىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ تۇتقان سالمىقى داۋاملىق ئ‍ارتماقتا. خىتاي تاراتقۇلىىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، نۆۋەتتە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» گە قاراشلىق كېۋەزلىكلەرنىڭ كۆلىمى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كېۋەزلىكلەرنىڭ ئومۇمىي سالمىقىنىڭ زور قىسمىنى ئىگىلىگەن. بۇ، خىتاينىڭ رايوندىكى مەزكۇر يېرىم قوراللىق ۋە يېرىم ئىشلەپچىقىرىش گەۋدىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىدا تۇتقان ئورنى ۋە تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىپ بارغانلىقى، خىتاينىڭ 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن بىلەن تەڭ تېخىمۇ كۈچەيتكەن بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىش پىلانى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادى كۈچى ۋە يەر كۆلىمىنى تېخىمۇ تارايتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىكەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 10-ئاپرىل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىللىق تېرىلغۇ باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر جەمئىي بىر مىليون 400 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىپ بولغان. ئۇنىڭ بۇ يىل تېرىپ بولغان كېۋەزلىك كۆلىمى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 200 مىڭ مو ئ‍ارتۇق بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىڭتۇەننىڭ بۇ يىل تېرىغان كېۋەزلىك كۆلىمىدىن كۆپ ئاز ئىكەن. يېقىندا خىتاينىڭ «بىڭتۇەن گېزىتى» قاتارلىق رايوندىكى يەرلىك تاراتقۇلىرى بۇ يىل «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ 12 مىليون 500 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىيدىغانلىقى، ئارالدىكى بىڭتۇەن 1-دېۋىزىيەسىنىڭ ئۆزىلا ھازىرغىچە بىر مىليون 53 مىڭ مو يەرگە پاختا تېرىپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

«شىنجاڭ پاختىسى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەركەزلەشكەن ساھەلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن، بولۇپمۇ «شىنجاڭ پاختىسى» دا ئىلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى مەنئىي قىلىنغان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ رايوندا كېۋەزلىك تېرىلغۇ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشى دىققەت قوزغىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتى باشلاپ، بۇ يىللىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تەخمىنەن 5 مىليون توننا ئەتراپىغا يەتكۈزمەكچى، شۇنداقلا رايوننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈك ئورنىنى داۋاملىق ساقلىماقچى ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا مەھسۇلاتى ئۆتكەن يىلى خىتاي پاىتا مەھسۇلاتىنىڭ 83 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان ئىدى.