ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تۈركۈملەپ قوبۇل قىلماقچى بولغان

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 20-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى «ئۈچ كەسىپنى يۆلەپ نامراتلارغا ياردەم بېرىش» پىلانى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە 950 ئوقۇغۇچىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. «ئۈچ كەسىپنى يۆلەش» دېگىنى ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا ئىگىلىك، مائارىپ ۋە داۋالاشقا ياردەم بېرىش دېگەنلىك بولۇپ، بىڭتۇەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىگە تەۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە سانائەت رايونىدىكى مائارىپ، يېزا-ئىگىلىك، داۋالاش، نامراتلىقنى يۆلەش، سۇ بايلىقى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورۇنلىرىدا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتلىشىچە، بىڭتۇەن بۇ قېتىم ئىشقا ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلار 2019-يىلدىن 2021-يىلغىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن تولۇق كۇرس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ماگېستېر ۋە دوكتورلار ئالدىن قوبۇل قىلىندىكەن. خىزمەتكە چۈشكەنلەر تۇرمۇش ياردەم پۇلى، سۇغۇرتا، ھەقسىز تۇرالغۇ ۋە باشقا كۆپلىگەن تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدىكەن. جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلار ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسىدىن ئۆتسە، بىڭتۇەن ۋە شەھەرلىك مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارغا نۇقتىلىق ئىشقا قويۇلىدىكەن.

كۆزەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىڭتۇەننىڭ قوبۇل قىلىدىغىنى ئاساسەن ئۇيغۇر رايونى ۋە ئىچكىرى خىتايدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، بۇ خىزمەت ئېلانى خىتايدا ھەر يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىش ئىزدەۋاتقان نەچچە مىليون خىتاي ئوقۇغۇچىنى جەلپ قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىش ئورنىدىن ياكى ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلىپ، مەھبۇس ۋە قۇل ئىشلەمچى قىلسا، بىر ياقتىن ئۇلاردىن بوش قالغان ئورۇنلارنى خىتاي ياشلىرى بىلەن تولدۇرماقتا ئىكەن.