خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 17-مايدىكى سانىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 15-ماي كۈنى 12-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىلىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ ئومۇمىييۈزلۈك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم،» دېگەن باش يېتەكچى ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە بۇ قېتىمقى قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇنىڭ «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم كاپالىتى» ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىملىق يىغىندا «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۇرۈشتەك يېڭى ۋەزىيەت» نى يارىتىش ئۈچۈن «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات تاختىسىدەك ئىش كۆرۈش» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر سىستېمىسى، زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى ھەمدە قانۇنسىز بولغان زور كۆلەملىك تۇتقۇننى بىخارامان ئىجرا قىلىپ تۇرۇپ، يەنە مۇشۇ خىلدىكى «قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى» ھەققىدە داۋراڭ سېلىشى ئىزچىل ھەرقايسى ساھەنىڭ كەسكىن مەسخىرىسىگە ۋە تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىلىرىدىن ۋىكى شۈ بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، دېگىنى زامانىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قارا يۇمۇرلارنىڭ بىرى» دېگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى خەۋەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان «ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىجرا قىلىپ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز» دېگەنلىكىنىمۇ بەزىلەر «خىتاي ئۆزى تۈزۈپ چىققان ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ قارىماقتا ئىكەن.