بىڭتۇەن دائىرىلىرى «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» قا مەسئۇل بولىدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-07-05
Share

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ 2-ئىيۇل بىڭتۇەننىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە پارتىيە ئەزالىرىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «قىزىل گېنى» غا ۋارىسلىق قىلىپ، كوممۇنىزم ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭنى تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىش» سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىنى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ جۈنجېڭ بۇ قېتىملىق يىغىندا بىڭتۇەندىكى كونا ئەسكەرلەرنىڭ «شىنجاڭنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈشتىكى ئىنقىلاۋى روھى» غا ۋارىسلىق قىلىش، «تېررورلۇققا زەربە بېرىپ مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملىق ۋەزىيەتكە ئايلاندۇرۇش» ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ بۇ تەلەپلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن ئورۇنلىرىدىن كۈتىدىغان تەلەپ ۋە ئۈمىدلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. بىڭتۇەننىڭ يېقىندا كۆپ تەكىتلەۋاتقان «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھات مېۋىلىرىنى قوغداش، ھەربىي تۈزۈم ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش» تاكتىكىلىرى تامامەن بۇ رايوننى خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1954-يىلى بىڭتۇەننى قۇرۇش مەقسىتىمۇ ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان «شىنجاڭدا مۇقىملىق ئورنىتىش» باش نىشان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بىڭتۇەننىڭ ئورنى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت