خىتاينىڭ بىڭتۇەن خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بىڭتۇەن ۋە شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ تۇمشۇق شەھىرىدە مەخسۇس «جەنۇبىي شىنجاڭ تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قۇرۇپ چىقىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەن ئۈچىنچى دېۋىزىيە تۇمشۇق شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يېن جاۋجۈن ۋە شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جاۋمىن «جەنۇبىي شىنجاڭ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى» نى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ئاساس قىلىنغان بىر تەتقىقات ئورنى قۇرماقچى بولغانلىقى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقىدەك بىر ۋەزىيەتتە بىڭتۇەن ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ قامال قىلىش، ئۇ يەرگە تېخىمۇ كۆپ ئادەم يۆتكەش ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغان ئورنى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.
خىتاينىڭ بىڭتۇەن خەۋەر تورى بولسا بۇ ئورۇننىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇنداق باھا بەرگەن:
«تۇمشۇق شەھىرىدە شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ›جەنۇبىي شىنجاڭ تەتقىقات ئىنستىتۇتى‹نىڭ تەسىس قىلىنىشى مەكتەپنىڭ مەركەزنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى يولغا قويۇش ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا يولغا قويۇشتىكى كونكرېت تەدبىرى. بۇ، مەكتەپ پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە تېخنىكىلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ، ئىلمىي تەتقىقات، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھالىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، سانائەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا تايىنىپ، مۇنەۋۋەر ئاسپىرانتلارنى تاللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق تەتقىقات تۈرلىرىنى ئېچىشقا قاتناشتۇرىدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىمكان يارىتىدۇ».