«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 28-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىڭتۇەن سىستېمىسىغا 51 مىڭ كىشى خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. بۇ سان بۇ يىللىق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ 62 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. ئەمما بۇ سان بىڭتۇەن سىستېمىسىغا كۆچۈپ كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەن سىستېمىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۇغۇرتا، قوشۇمچە تەمىنات پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك پاراۋانلىق چارىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئالتە مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىزمەتكە ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشسىز قالغان 20 نەچچە مىڭ كىشىگە «ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىق» مۇ خەۋەردىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. ئەمما ئالىي مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىشسىز يۈرۈۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ھەققىدە خەۋەردە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان.
بىڭتۇەن سىستېمىسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلغۇچى ۋاسىتىلەردىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرنى ماڭدۇرۇش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ۋە تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى بايراقدار ئورۇن بولغانلىقتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىڭتۇەنگە باش بولۇپ ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۆزلىرىنىڭ «يېڭى دەۋرىدىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» ئارقىلىق بىڭتۇەننى ۋاسىتە قىلغان ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى ۋە مۇتلەق سىياسىي كونتروللۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شۇ ئارقىلىق «ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك» ئورنىتىش كويىدا بولۇۋاتقان بولۇپ، دوكتور ئادريان زېنز بىڭتۇەن سىستېمىسىنىڭ بۇ خىلدىكى پىلانىنى «قىرغىنچىلىقنىڭ نوپۇس ساھەسىدىكى ئىجراسى» دەپ خۇلاسە چىقارغانىدى.