بىڭتۇەن پارتكومى بىڭتۇەننىڭ شەھەرلىشىشى ۋە يەرلىك بىلەن بىرلىشىشنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان

2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا كېڭىيىشنى تېزلەتكەن خىتاينىڭ رايوندىكى يېرىم ئىشلەپچىقىرىش-يېرىم ھەربىي ئورگانى بولغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى»، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭ نىشانىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، بىڭتۇەننىڭ شەھەرلىشىشى ۋە يەرلىك بىلەن بىرلىشىشنى تېزلىتىشكە قارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر خىزمەت نىشانى يەرلىك بىلەن بىڭتۇەننى بىرلەشتۈرۈشتە بىڭتۇەننىڭ رولىنى كېڭەيتىش، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەت ئۈلگىسى سىناق رايونلىرىنى بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر كەلگۈسى بىر يىللىق خىزمەت پىلانى، ئۇنىڭ 2-ئاۋغۇست كۈنى چاقىرىلغان بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ 8-نۆۋەتلىك 5-يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاينىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىشىنى پىلانلىشىدىكى بۇ قېتىملىق خىزمەت نىشانى، يەرلىكنىڭ «بىڭتۇەنلىشىشى» نى ئالغا سۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئورنى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئېڭىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» شەكىللەندۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈنمۇ، دېگەن گۇماننى پەيدا قىلماقتا.

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 3-ئاۋغۇست بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ 8-نۆۋەتلىك 5-يىغىنى، بىڭتۇەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تىكى رولىنى كۈچەيتىشكە دائىر 6 نۇقتىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان ھالقىلىق رولى سەۋەبلىك 2021-يىلى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇنىڭغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ رايوندىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىستىراتېگىيەلىك رولىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ كەلمەكتە. «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ تەكىتلىشىچە، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 6 نۇقتىلىق تەلەپ، بىڭتۇەننىڭ يېڭى تىپتىكى شەھەرلىشىشىنى تېزلىتىش، شەھەر يېزىلارنىڭ بىرلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە بىڭتۇەننى مەركەز قىلغان ئىلغار مەدەنىيەت سىناق رايونلىرىنى بەرپا قىلىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سۈرۈش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر شاھمات تاختىسىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.