يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەن سىستېمىسىنىڭ يېڭى «تاشيول تورى قۇرۇلۇشى» رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، مەزكۇر يېڭى قۇرۇلۇشتا ئۇزۇنىسىغا 96 يول، توغرىسىغا 54 يول ياسىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
«بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ بۇ قېتىمقى يول قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك قۇرۇلۇش بولۇپ «ئۆلكە يولى تورى بەرپا قىلىش» دەپ ئاتالغان. شۇنداقلا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك قاتناش لىنىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر-بىرىگە باغلاشنى كۈچەيتىش» قاتارلىق رولى بارلىقى تەكىتلەنگەن. بۇنىڭدا نۇقتىلىق قىلىپ 2035-يىلىغا بارغاندا بۇ قۇرۇلۇشنى تاماملاش ئارقىلىق بىر پۈتۈن بىڭتۇەن قاتناش تورى ھاسىل قىلىش ھەمدە بىڭتۇەن دىۋىزىيەلىرى بىلەن شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش تورىنى تېخىمۇ زىچ، يوللارنى تېخىمۇ راۋان قىلىش نىشان قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە بىڭتۇەنگە قاراشلىق ھەرقايسى جايلارغا تۇتىشىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشى 38 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، يېڭى يوللار پۈتكەندە ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 65 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.
بىڭتۇەن سىستېمىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يادرولۇق قىسمى بولغان «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلار ۋە تۈرمە سىستېمىسىنىڭ باش ئىجراچىسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق كۈچ بولۇپ كەلگەن. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش» شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بېرى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەر خىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئەمدىلىكتە بۇ يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تارىخشۇناس روي تىرسانكار (Tirthankar Roy) نىڭ «مۇستەملىكە دەۋرىدىكى ھىندىستاندا قانۇن ۋە ئىقتىساد» ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان «مۇستەملىكىچىلەر ھەرقاچان يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان يەرلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن يەكۈنىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسەتمەكتە.