«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە 12 زور تىپتىكى داۋالاش مەركىزى قۇرۇش تۈرىنى تەستىقلاپ، ئۇنى پۈتكۈل خىتاي مىقياسىنى قاپلايدىغان «داۋالاش مەركىزى» گە ئايلاندۇرماقچى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ داۋالاش مەركەزلەر كېلەر يىلىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكچىكەن.
دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خىتاينىڭ جىلىن، خېيلوڭجياڭ، جياڭشى، خەينەن، چۇڭچىڭ، گۈيجۇ، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكە-بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرى بىلەن تىبەت ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جۇئاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 چوڭ رايونلۇق داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمەس، بەلكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭيۇەنى» كىرگۈزۈلگەن.
چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلىي تەسىرىنى چەكلەش ۋە ھوقۇق مەركىزىدىن چەتلەشتۈرۈش، بىڭتۇەننى تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇر رايونىدىكى يېتەكچى كۈچكە ۋە ھەل قىلغۇچ سىياسىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر سىگنالى دەپ قارىماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر يەنە خىتاينىڭ مەملىكەت بويىچە 12 رايوندا بۇنداق زور تىپتىكى داۋالاش مەركەزلىرىنى قۇرۇش تۈرىنىڭ ئارقىسىدا كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور ۋە خەۋپلىك بولغان ۋىرۇس ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشتەك پىلانىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەخمىن قىلماقتا.