ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» يېقىنقى 10 يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە 11 شەھەر، 63 بازار قۇرۇپ بولغان. رايون ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، خىتاينىڭ رايوندىكى مەزكۇر يېرىم قوراللىق ۋە يېرىم ئىشلەپچىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ رايوندا قانچىلىك تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەۋە زېمىنلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
«بىڭتۇەن» گېزىتىنىڭ 2-ئۆكتەبىر بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بىڭتۇەننىڭ خىتاي كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ شەھەر-بازارلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاكتىپ بىرلەشتۈرۈپ، «بىڭتۇەنچە ئالاھىدىلىككە ئىگە شەھەر-بازار سىستېمىسى شەكىللەندۈرگەنلىكى» نى، 11 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بەرپا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىنىمۇ تېزلەتكەن. بىڭتۇەننى جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق ئوبلاست، ۋىلايەتلەرگە كېڭەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى بىڭتۇەن ئارقىلىق كونترول قىلىش شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغانىدى.
«بىڭتۇەن» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بىڭتۇەن خىتاينىڭ 13-5 يىللىق پىلانى مەزگىلىدە كونا ئولتۇراق رايونلىرىدىكى 130 مىڭ 740 ئۆينى ئۆزگەرتكەن، 2019-يىلدىن 2021-يىلغىچە شەھەر-بازارلاردىكى كونا رەستە رايونلىرىدىن 144 نى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بۇ 90 مىڭغا يېقىن ئائىلىگە چېتىلىدىكەن.
بىڭتۇەن چوڭ تۇتقۇندا لاگېر ۋە تۈرمىلەرنى كونترول قىلىش، باشقۇرۇش، مەجۇرىى ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە خىتاي كادىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا زەربىدار رول ئوينىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبلىك بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەنىدى.