بىڭتۇەن مائارىپى 10 يىل مابەينىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «توغراقتەك يىلتىز تارتىش» سىياسىتىگە ئاكتىپ ماسلاشقان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.10.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ «بىڭتۇەن گېزىتى» دە تەشۋىق قىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بىڭتۇەندە «تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر» يۈز بەرگەن.

بىڭتۇەنگە تەۋە باشلانغۇچتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەر خىل مەكتەپلەردىن 635 مەكتەپ قۇرۇلغان، ئوقۇغۇچىلار 570 مىڭدىن، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش نىسبىتى 98.6 پىرسەنتكە يەتكەن.

بىڭتۇەن مائارىپىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى «توغراق روھى بويىچە ئادەم تەربىيەلەپ، شىنجاڭنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» بولۇپ، بۇ رايونغا «توغراقتەك يىلتىز تارتىدىغان» خىتاي ئەۋلادلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان.

2021-يىل بىڭتۇەن ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرۈپ چىققان خىتاي ياشلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا قېلىش نىسبىتى 72.51 پىرسەنت بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بىڭتۇەن ئورۇنلىرى «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئىچكىرى خىتايدىن 7047 ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىڭتۇەندە قېلىش نىسبىتى 67.92 پىرسەنت بولغان.

بىڭتۇەن مەكتەپلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنلار بولۇپ، ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېر «شىنجاڭ نېمىشقا خىتاي كۆچمەنلىرى ئەڭ جايلاشقان مۇستەملىكە بولۇپ قالدى؟» ناملىق ماقالىسىدە، بىڭتۇەننىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئېلىپ قېلىش جەھەتتە ھالقىلىق رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.