بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى، مەبلەغ فوندلىرىنى بىڭتۇەنگە چېتىشلىق شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.12.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۇئېل كوگولاتى خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە چېتىشلىق شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغان بېلگىيە مەبلەغ فۇندلىرىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىرغان. «پولىتىكا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سامۇئېل كوگولاتى، بەش بېلگىيە مەبلەغ فۇندىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ھەمكارلاشقان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغانلىقىغا دائىر ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر يېرىم قوراللىق ئىشلەپچىقىرىش ئاپپاراتىغا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئېمبارگو قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«پولىتىكا» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ھاللام شىفېلد ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىڭتۇەننى خىتاينىڭ «يەر ئىگىللەشكە مەسئۇل مۇستەملىكىچىلىك ئاپپاراتى» دەپ كۆرسەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان ۋە پارلامېنتنىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىدىكى خەلق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان كوگولاتى، 4 بانكا، بىر سۇغۇرتا شىركىتىگە مەنسۇپ بولغان مەبلەغ فۇندلىرىنىڭ بىر قانچە ئايلىق مالىيە دوكلاتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى خىتاي شىركەتلىرىدىن قول ئۈزۈشكە چاقىرغان. خەۋەردە، بۇ مەبلەغ فۇندلىرىنىڭ لوندوننى بازا قىلغان «شىرودېرس» ناملىق مەبلەغ سېلىش شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

«پولىتىكا» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سامۇئېل كوگولاتى مۇنداق دېگەن: «بېلگىيە بانكىلىرى ئەمدى نادانلىقنى باھانە قىلماسلىقى كېرەك. ئۇلار مەبلەغ سالغان خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىدىكى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگو يۈرگۈزگەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئوچۇق-ئاشكارا چېتىشلىق شىركەتلەر ۋە ياكى مەجبۇرىي ئەمگەكتە جاۋابكارلىقى بار، دەپ ئەيىبلەنگەن شىركەتلەردۇر» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بېلگىيە مەبلەغ فوندى مەبلەغ سالغان ئورۇنلارنىڭ بىرى «خىتاي يېزا ئىگىلىك بانكىسى» بولۇپ، بۇ بانكىنىڭ بىڭتۈەندە نۇرغۇن تارماق شۆبىسى بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.