ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۇەنگە قاراشلىق دېىۋىزىيە-شەھەرلەرنىڭ بىرىنچى قول ئەمەلدارلىرى ئالماشتۇرۇلغان

يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۇەننىڭ بىر نەچچە دېۋىزىيە-شەھەرلىرىنىڭ بىرىنچى قول ئەمەلدارلىرىنىڭ بىراقلا ئالماشتۇرۇلۇشى، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» نىڭ 20-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىڭتۇەنگە قاراشلىق 1-دېۋىزىيە جايلاشقان ئارال شەھىرى، 5-دېۋىزىيەسى جايلاشقان شۇاڭخې (قوش دەريا) شەھىرى، 7-دېۋىزىيە جايلاشقان خۇياڭخې (توغراق دەريا) شەھىرى، 8-دېۋىزىيە جايلاشقان شىخەنزە شەھىرى ۋە 12-دېۋىزىيەسى قاتارلىقلارنىڭ بىرىنچى قول ئەمەلدارلىرى بىراقلا ئالماشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىڭتۇەننىڭ يوقرىقى دىۋىزىيە-شەھەرلىرىنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن ئەمەلدارلىرى، سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى قايتىدىن تەڭشەلگەن. ئەمما بىڭتۇەندىكى بۇ قېتىملىق زور كۆلەملىك ئەمەلدار تەڭشەشتە بىرەرمۇ ئۇيغۇر كادىرنىڭ بولماسلىقى، ھەتتا ئۇيغۇرلار نوپۇسى مەلۇم نىسبەتنى تەشكىل قىلىدىغان بىڭتۇەن 1-دىۋىزىيەسى ۋە ئارال شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا بىرەرمۇ ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ بولماسلىقى، دىققەت قوزغىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەن سىستېمىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ باش ئىجرا قىلغۇچىسى بولۇپ، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىڭتۇەنگە ھەمدە ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىگە جازا ئېلان قىلغان ئىدى. لاگېرشۇناس ئالىملاردىن ئادريان زېنزنىڭ تەتقىقاتلىرى بولسا بىڭتۇەننىڭ كەلگۈسى 20 يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئ‍وينايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى بىڭتۇەنگە غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى پاكىتلىق بايان قىلىپ بەرگەن ئىدى.