خىتاينىڭ بىڭتۇەندە قوي باقمىچىلىقىنى تەشەببۇس قىلىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بىڭتۇەندە قوي باقمىچىلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي خەۋەرلەر تورى 21-دېكابىر كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق بىڭتۇەننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا يېقىنقى يىللاردا «قوي تاۋارغا ئايلىنىش» ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قېلىپلاشقان قوي بېقىشنىڭ مودېللىرىنى تەتقىق قىلغانلىقى ۋە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، قوي مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئوغۇت قاتارلىق يېشىل سانائەت زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى بايان قىلغان.

خەۋەردە، 2021-يىلى ئەسكەردىن چېكىنگەندىن كېيىن قوي باقمىچىلىقىغا باشلىغان جاۋ شۆجۈەننىڭ ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەر يىلى 10 مىڭغا يېقىن قوي ساتىدىغان «ئايال پادىچى» غا ئايلانغانلىقى مىسال قىلىنغان ھەم شۇنداقلا نۆۋەتتە قوي گۆشىگە بولغان تەلەپنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، بۇ قويلارنىڭ بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرى ھەمدە تور ئارقىلىق بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ ۋە باشقا ئۆلكىلەردىكى خېرىدارلارغا سېتىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاي تاراتقۇلىرى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىكى خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتا چوشقا باقمىچىلىقى ئىگىلىكىنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ھەدەپ كېڭەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايلار ئىگىلىگەن بىڭتۈەندە قوي باقمىچىلىقىنى تەشەببۇس قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئىلگىرى ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ «دىنسىزلاشتۇرۇش» نىڭ بىرقىسمىغا ئايلانغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە چوشقا باقمىچىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قوي گۆشىگە بولغان تەلەپنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ قوي گۆشى ئىستىمالىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىمۇ مۇھىم بىر مەسىلە دەپ قارالماقتا.