ئۆتكەن بىر يىلدا 14 مىڭ ئوقۇغۇچى بىڭتۇەن سىستېمىسىغا ئىشقا چۈشكەن
2023.02.16
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2022-يىلىدىن بۇيان 14 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بىڭتۇەن سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئىدارە ۋە ئورگانلارغا كادىر بولۇپ ئورۇنلاشقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەر دەرىجىلىك بىڭتۇەن تارماقلىرىنىڭ «ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىجرا قىلىش» سىياسىتى بويىچە نۇقتىلىق ھالدا بىڭتۇەن سىستېمىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىڭتۇەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جىڭ ئەنيەن: «بۇ يىل خىزمەتكە ئېلىنغانلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش ۋە خىزمەت ئورنى مائاش تولۇقلىمىسى تارقىتىش سىياسىتى بويىچە تاللاندى» دېگەن.
ھالبۇكى، ئالىي مەكتەپنى تاماملىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە تىللارغا پۇختا بولۇشىغا قارىماي ئىزچىل ئىشسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتقىنى، ھەتتا بىر قىسىم جايلاردا ئاشكارا ھالدا «خىتايلارلا قوبۇل قىلىنىدۇ» دېگەندەك خىزمەت ئېلانلىرىنىڭ چىقىرىلىشى، ئىزچىل ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ تەنقىد ئوبېكتى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر «دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت» دەپ ئاتاۋاتقان بىڭتۇەن سىستېمىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىشتا ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈشتە ئەڭ چوڭ رول ئويناۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئۇنىڭغا جازا ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئىزچىل «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى يۇغۇرىۋېتىش» ھەققىدە ئىش كۆرۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن بىڭتۇەن سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئاخىرىقى نىشان قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھەر يىلى بىڭتۇەن سىستېمىسىغا غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، بىڭتۇەننىڭ نوپۇس كۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەمدە ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ كەلمەكتە.